Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 27

27-كۈي •••• خۇدانى كۈتكىن!

داۋۇت يازغان كۈي: ــ

پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛

مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟

پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛

مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ 1

يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا،

رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا،

پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار.

زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ،

قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛

ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرۇۋېرىمەن.

پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛

مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ

ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام،

پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم،

ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن. 2

بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛

مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ.

ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ.

شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛

ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا!

نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛

ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن.

ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛

دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن.

مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن!

غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛

سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛

سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا! 3

ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ،

پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ. 4

ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛

كۈشەندىلىرىم پايلاپ يۈرمەكتە،

مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن. 5

مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن،

چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر،

ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر.

ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...!

پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن!

جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن!

شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! 6

Source notes (6)
  1. Cross-reference ◘ يەش. 10‏:17؛ 60‏:19،20؛ مىك. 7‏:8؛ لۇقا 1‏:79؛ يـۇھ. 1‏:4؛ 8‏:12؛ ۋەھ. 21‏:23
  2. Footnote ◼ «...ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، ... ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام» ــ داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا «خۇدانىڭ ئۆيى»، يەنى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» تېخى سېلىنمىغانىدى (ئوغلى سۇلايمان كېيىن ياسىدى). ئىبادەتخانا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ياسالغان «مۇقەددەس چېدىر» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» دېگىنى بەلكىم روھىي جەھەتتىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆز ھۇزۇر-دەرگاھىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.
  3. Footnote ◼ «مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۈزۈڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن!».
  4. Footnote ◼ «ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ،...» ــ داۋۇت سائۇل پادىشاھ تەرىپىدىن قوغلانغان. سائۇل ئۇنى «جىنايەتچى» دەپ ھېسابلىغان چاغلىرىدا، داۋۇت ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن بىر مەزگىل چەتكە قېقىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. تەۋرات «1سام.» 21-، 22-بابنى كۆرۈڭ.
  5. Cross-reference ◘ زەب. 25‏:4-5، 9، 12؛ 86‏:11؛ زەب. 119
  6. Cross-reference ◘ يەش. 25‏:9؛ 33‏:2؛ ھاب. 2‏:3

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.