مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 26
26-كۈي •••• بارلىق رەزىللىكتىن يىراقلىشىشقا ئىنتىلىش
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛
مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛
ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ 3
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛
مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن.
مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛
ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. 4
يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛
رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن.
قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛
شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن.
ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛
بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن.
ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى،
شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛
جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن،
ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛
ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر،
ئوڭ قولى پارىلارغا تولدى.
مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرۈۋېرىمەن؛
مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن،
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. 5
پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛
جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن.
Source notes (5)
- Footnote ◼ «مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».
- Cross-reference ◘ زەب. 7:8
- Footnote ◼ «ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
- Cross-reference ◘ ئايۇپ 31:5؛ زەب. 1:1
- Footnote ◼ «مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.