مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 28
28-كۈي •••• پەرۋەردىگارغا تايىنىش
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛
ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛
چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالساڭ،
مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن. 1
ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە،
سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە،
مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن! 2
مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛
ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ،
كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر. 3
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ،
ئىشلىرىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقايسەن؛
قولىنىڭ قىلغانلىرى بويىچە ئۆزلىرىگە ياندۇرغايسەن؛
تېگىشلىك جازانى ئۆزلىرىگە قايتۇرغايسەن.
چۈنكى ئۇلار نە پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى،
نە قوللىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى ھېچ نەزىرىگە ئالمايدۇ،
پەرۋەردىگار ئۇلارنى غۇلىتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ.
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن؛
چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان.
پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛
مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى،
شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛
شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ،
ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ كۈچىدۇر،
شۇنداقلا مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر. 4
ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن،
مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛
ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن،
مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن. 5
Source notes (5)
- Cross-reference ◘ زەب. 30:3؛ 35:22؛ 143:7
- Footnote ◼ «سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە» ــ «كالامخانا» مۇقەددەس چېدىردىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نى كۆرسىتىدۇ. نېمىشقا مۇشۇ يەردە «ئەڭ مۇقەددەس جاي» «كالامخانا» دېيىلىدۇ؟ سەۋەبى، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىچىدە «ئەھدە ساندۇقى» ياتىدۇ، «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە خۇدا ئىسرائىل بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامە (خۇدانىڭ سۆز-كالامى) ساقلاقلىق ئىدى.
- Cross-reference ◘ زەب. 12:1-2؛ يەر. 9:7
- Footnote ◼ «پەرۋەردىگار ... مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر» ــ خۇدانىڭ «مەسىھ قىلغىنى»: ــ (1) خۇدا ئىسرائىللار ئۈستىگە تىكلىگەن پادىشاھ؛ (2) ئاخىردا ئۇ دۇنياغا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرستىدۇ. «مەسىھ» توغرۇلۇق 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلار ھەم «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
- Footnote ◼ «ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛...» ــ خۇدانىڭ ئۆز خەلقى دەل ئۆزىنىڭ مىراسى ئىكەنلىكى مۇقەددەس كىتابتا كۆپ يەرلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.