Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 63

63-كۈي •••• خۇداغا ئىنتىزار بولۇش

داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ

ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن،

تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم!

مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ،

جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ 1

مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك،

مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم!

ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛

لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛

شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن،

سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن.

جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛

ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛ 2

ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە،

تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن.

چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛

سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن.

مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ،

سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە.

بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ،

ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ.

لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛

ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛

چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ. 3

Source notes (3)
  1. Cross-reference ◘ 1سام. 22‏:5؛ 23‏:14،15
  2. Footnote ◼ «جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى» ــ يەھۇدىيلار ئۈچۈن مايلىق گۆش ئىنتايىن ئېسىل تاماق ھېسابلىنىدۇ.
  3. Footnote ◼ «ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلار ...» ــ بەلكىم ئالدنئالا تىلغا ئېلىنغان پادىشاھنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا مەسىهنىڭ نامى بولۇشى كېرەك.

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.