Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 62

62-كۈي •••• خۇدانى تەلمۈرۈپ كۈتۈش

نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ

جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛

مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. 1

پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم،

مېنىڭ ئېگىز قورغىنىمدۇر؛

مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. 2

سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟

ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى،

ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟

ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛

يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛

ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن،

ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ.

سېلاھ.

ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛

چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر.

پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم،

مېنىڭ ئېگىز قورغىنىمدۇر؛

مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.

نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛

مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر.

ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار!

ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛

خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر!

سېلاھ.

ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق،

ئېسىلزادىلەرمۇ بىر يالغان سۆز خالاس؛

تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق،

بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.

زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛

بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار،

بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛

خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى،

مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ

«كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر».

ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛

چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن. 3

Source notes (3)
  1. Footnote ◼ «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي» ــ «يەدۇتۇن»: داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن، يەدۇتۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ....».
  2. Footnote ◼ «مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن» ــ ياكى باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زور ئېغىرچىلىقتىمۇ تەۋرەنمەيمەن».
  3. Cross-reference ◘ ئايۇپ 34‏:11؛ پەند. 24‏:12؛ يەر. 32‏:19؛ ئ‍ەز. 7‏:27؛ 33‏:20؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 2كور. 5‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:8؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17؛ ۋەھ. 22‏:12

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.