Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 64

64-كۈي •••• ئامانلىق تىلەش دۇئاسى

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ

ئى خۇدا، ئاھلىرىمنى كۆتۈرگەندە، مېنى ئاڭلىغايسەن!

ھاياتىمنى دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇغدىغايسەن!

قارا نىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستلىرىدىن،

يامانلىق ئەيلىگۈچى قاغا-قۇزغۇنلاردىن ئامان قىلغايسەن.

ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛

مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن،

ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى.

ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ.

ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ،

يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ،

«بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە.

ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ

«بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛

ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە بىلىپ بولماس بىر نەرسىدۇر!

لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛

ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ.

ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛

ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ. 1

ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛

ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ،

بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ.

ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ،

ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛

كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ.

Source notes (1)
  1. Footnote ◼ «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى سىلكىيدۇ».

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.