Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 46

46-كۈي •••• خۇدا باشپاناھتۇر

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ

خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛

كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر. 1

شۇڭا يەر-زېمىن ئۆڭتۈرۈلۈپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ دېڭىز تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ،

ئۇنىڭ دولقۇنلىرى شاۋقۇنلىنىپ قاينام بولسىمۇ،

ئۆركەشلىرى بىلەن تاغلار سىلكىنىپ كەتسىمۇ،

قورقمايمىز.

سېلاھ.

خۇدانىڭ شەھىرىنى ــ يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ماكانلاشقان مۇقەددەس جاينى،

خۇرسەن قىلىدىغان ئېقىنلىرى شاخلىغان بىر دەريا باردۇر.

خۇدا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛

ئۇ يەر ھەرگىز تەۋرىمەيدۇ؛

خۇدا تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىدۇ.

بارلىق ئەللەر قايناپ، پادىشاھلىقلار تىترەپ كەتتى؛

ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتكەن ھامان،

يەر ئېرىپ كېتىدۇ.

ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە؛

ياقۇپنىڭ خۇداسى ئېگىز قورغىنىمىزدۇر!

سېلاھ!

كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار!

ئۇ يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار! 2

ئۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ؛

ئۇ ئوقيالارنى سۇندۇرىدۇ،

نەيزىلەرنى ئوشتۇۋېتىدۇ،

جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش!

مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛

مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» ــ دەيدۇ.

ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە،

ياقۇپنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قورغىنىمىزدۇر!

Source notes (2)
  1. Footnote ◼ «پاك قىزلار ئۈچۈن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالاموت» دېيىلىدۇ. باشقا بىرخىل مەنىسى: «ئاياللارنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق كۈيى ئۈچۈن يېزىلغان» دېگەن بولۇشى مۇمكىن.
  2. Footnote ◼ «... ئۇ (پەرۋەردىگار) يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار» ــ پەرۋەردىگارنىڭ «ۋەيرانچىلىق»لىرىنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي نەتىجىسى بار ــ 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.