مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 47
47-كۈي •••• خۇدا مەڭگۈ غەلىبە قىلغۇچىدۇر
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار!
ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار!
چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر،
پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر. 1
ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ،
بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ. 2
ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ،
يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى.
سېلاھ!
خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە،
پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛
خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛
زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
خۇدا ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.
ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ،
ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛
چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛
ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر! 3
Source notes (3)
- Footnote ◼ «...پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەھشەتلىك» ھەم «ھەيۋەتلىك» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
- Footnote ◼ «... بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «... ئەل-مىللەتلەرنى پۇتىمىز ئاستىدا قىلىدۇ».
- Footnote ◼ «... جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر» ــ «قالقانلار» بەلكىم دۇنيادىكى بارلىق قورال-ياراقلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پادىشاھلار».
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.