مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 150
150-كۈي •••• ئاخىرىدا ــ پەقەت ھەمدۇسانا!
ھەمدۇسانا!
تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛
قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ 1
ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛
غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى جاراڭلىق جاڭلار ھەم ياڭراق جاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىغاي!
ھەمدۇسانا!
Source notes (1)
- Cross-reference ◘ يەش. 6:3
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.