Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 149

149-كۈي •••• قىيامەت كۈنىدىكى غەلىبە ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار!

ھەمدۇسانا!

پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛

مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!

ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانغاي؛

زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! 1

ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىگەي؛

ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتقاي! 2

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛

ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛

ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي،

ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! 3

ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولغاي،

قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلغاي؛ 4

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس،

خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛

ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن،

ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ 5

ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ

ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ!

ھەمدۇسانا! 6

Source notes (6)
  1. Cross-reference ◘ زەب. 100‏:3
  2. Cross-reference ◘ زەب. 81‏:2-4
  3. Footnote ◼ «ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!» ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك.
  4. Cross-reference ◘ 2تېـس. 2‏:8؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 1‏:16
  5. Cross-reference ◘ مات. 18‏:18
  6. Cross-reference ◘ قان. 4‏:6

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.