مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 12
12-كۈي •••• رەزىل دۇنيادىن ساقلاش
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛
ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى. 1
ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛
خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ.
پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى،
ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي!
ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛
لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛
كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ.
«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن،
مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن،
ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
«مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن». 2
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛
ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان،
ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. 3
سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛
سەن مۆمىنلەرنى مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛ 4
چۈنكى رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ،
پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا!
Source notes (4)
- Footnote ◼ «شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ...» ــ «شېمىنىت» بەلكىم، «سەككىز تارلىق ساز» ياكى «سەككىز نوتىلىق كۈي» دېگەن مەنىدە.
- Footnote ◼ «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى «تۈفى!» دەپ مازاق قىلغۇچىلاردىن ئازاد قىلىمەن»
- Cross-reference ◘ 2سام. 22:31؛ زەب. 18:30؛ 19:8؛ 119:140؛ پەند. 30:5
- Footnote ◼ «سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن» ــ «ئۇلار» 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئېزىلگەنلەر» ۋە «مىسكىنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.