مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 11
11-كۈي •••• «قېنى، قاچمامسەن؟»
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي:
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛
ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ!
چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ،
قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ،
ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛
«ئۇللار ھالاك قىلىنسا،
ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟ 1
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر،
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛
ئۇ نەزەر سالىدۇ،
ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ. 2
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛
رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ.
ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛
پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ. 3
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛
ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛
كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ.
Source notes (3)
- Footnote ◼ «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،..» ــ «ئۇللار» جامائەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
- Footnote ◼ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ» ــ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز قاپاقلىرى».
- Footnote ◼ «پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ» ــ «ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى» كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.