مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 13
13-كۈي •••• قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟
سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟
قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟
قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟
قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟
ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم!
ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە،
كۆزۈمنى يورۇتقايسەن،
دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن،
رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن،
كۆزۈمنى يورۇتقايسەن!
بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛
يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛
مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛
چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.