مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 76
76-كۈي •••• پەرۋەردىگار ئەللەردىن ھېساب ئالىدۇ
بۇ ئاساف يازغان كوي بولۇپ, تارلىق سازىلار تەڭقىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان: ــ
يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛
ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر.
ئۇنىڭ پاناھ جايى سالېمدىدۇر،
زىئون تېغىدا ماكانى باردۇر. 1
شۇ يەردە سۇندۇردى ئۇ دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى،
چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنى.
سېلاھ.
شەرىپىڭ نەقەدەر ئەلادۇر، ئوۋ-ئولجاغا باي تاگلاردىنمۇ ھەيۋىتىڭ زوردۇر!2
دۈشمەن باتۇرلار بۇلاندى؛
ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتكەن سەۋەب: ــ
پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى.
سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى،
جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى.
قورقۇنچقا تېگىشلىك كېرەكتۇر سېندىلنا، پەقەت سەنىڭلا؛
قايسى ئىنسان تىك تۇرالىسۇن غەزىپىڭنىڭ ئالدىڭدا؟
يەر-زېمىن بارچە ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزماق بولۇپ،
سەن خۇدا سوراق-ھۆكۇم جاكاردا ئاسماندىن تۇرساڭ،
باسار يەرنى ۋەھىم، سۈكۈت-قورقۇنچ.
سېلاھ.
چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛
قەمەر قەبى باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى. 3
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛
سوۋغا بەرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇنچى كېرەك بولغۇچىغا؛
ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرار؛
ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىك بولار.
Source notes (3)
- Footnote ◼ «ئۇنىڭ پاناھ جايى سالېمدىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئۇۋىسى سالېمدا». بۇ سۆز بەلكىم خۇدانى شىرغا ئوشىتىدۇ. تەۋراتتىكى «ھوشىيا» دېگەن قىسىمدا خۇدا «يەھۇدانىڭ شىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. «سالېم» ــ «يېرۇسالېم»نىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى.
- Footnote ◼ «ئوۋ-ئولجا تاغلىرى» ــ بەلكىم توپ-توپ دۆۋىلەنگەن ئوۋ-ئولجىلارنى كۆرسىتىدۇ.
- Footnote ◼ «ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ قەمەر قەبى باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى» ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم (1) خۇدا ئىنساننىڭ بارلىق ئاسىيلىق-قارشىلىشىشلىرىنى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ شۆھرىتىگە ھەم مۇددىئالىرىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ (2) ئىنسانلارنىڭ ئۆز قەھرى ئۆزىگە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەر يېنىك بولۇپ قالغان بولسا، «قالغان قەھر»نى خۇدا ئۆزى تولۇقلاپ جازالىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.