مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 75
75-كۈي •••• ئادىل سوراقچى خۇدا
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ
ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز!
چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛
بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ.
مەنكى پەرۋەردىگار: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا،
ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛
يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ،
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى.
سېلاھ.
ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»،
ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ 1
«مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛
بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!»
چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس،
ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ 2
چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛
ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛
ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛
ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛
خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛
دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛
مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ
ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
«مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛
بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!». 3
Source notes (3)
- Footnote ◼ «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!
- Footnote ◼ «... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».
- Footnote ◼ «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.