Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 6

6-كۈي •••• قايغۇ ئىچىدىكى دۇئا

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ

پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛

قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە. 1

ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛

ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى. 2

مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛

ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟

يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن،

ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.

چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛

تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟ 3

مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛

تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛

ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.

دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛

بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ.

ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛

چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى. 4

پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛

پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛

دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛

تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ.

Source notes (4)
  1. Footnote ◼ «سەككىز تارلىق ئارفا» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى «سەككىز ئەنلىك كۈي».
  2. Cross-reference ◘ زەب. 38‏:3
  3. Footnote ◼ «تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟» ــ «تەھتىسارا» ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېيىلىدۇ).
  4. Cross-reference ◘ مات. 7‏:23؛ 25‏:41؛ لۇقا 13‏:27

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.