Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 5

5-كۈي •••• سەھەردىكى ئۈمىد

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ

مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار،

مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن.

كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم،

چۈنكى مەن ساڭىلا دۇئا قىلىمەن.

ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛

مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن،

يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن. 1

چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛

يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ.

پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛

قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر.

يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛

پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر.

بىراق مەن بولسام، مېھىر-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛

ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛

مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛

يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن.

چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛

ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر،

ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر،

ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ. 2

ئۇلارنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەيسەن، ئى خۇدا؛

ئۇلار ئۆز پىلانلىرى بىلەن ئۆزلىرى موللاق ئاتسۇن؛

ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىتائەتسىزلىكلىرى بىلەن ھەيدەپ چىقارغايسەن؛

چۈنكى ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلدى. 3

شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛

ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛

سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛

سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ.

چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىي ئادەمگە بەخت ئاتا قىلىسەن؛

ئۇنى شاپائىتىڭ بىلەن قالقان كەبى ئورايسەن.

Source notes (3)
  1. Footnote ◼ «ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛...» ــ «سەھەردە» دېگەن سۆزگە قاراپ بەزى ئالىملار 3-، 4- ھەم 5-كۈيلەر، داۋۇتنىڭ ئابشالومدىن قېچىش جەريانىدىكى ئۈچ كۈن ئىچىدىكى دۇئالىرى، دەپ قارايدۇ (33-كۈيدە «كەچ» ھەم «سەھەر» بار، 4-دە بولسا «كەچ»، 5-دە «سەھەر» بار).
  2. Cross-reference ◘ زەب. 12‏:2-3؛ 36‏:1-3؛ 52‏:2؛ 62‏:4؛ رىم. 3‏:13
  3. Cross-reference ◘ زەب. 7‏:14-15؛ 9‏:15-16؛ 35‏:7-8؛ 59‏:12

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.