مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 55
55-كۈي •••• ساتقۇنلۇققا ئۇچرىغاننىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى تۆكۈش دۇئاسى
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ
ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛
تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن،
ماڭا قۇلاق سېلىپ، جاۋاب بەرگەيسەن؛
مەن داد-پەرياد ئىچىدە كېزىپ،
ئاھ-زار چېكىپ يۈرىمەن؛
سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛
ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛
ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ.
ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛
ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى.
قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى،
دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى.
مەن: ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى،
ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم.
ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ،
چۆل-باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛
سېلاھ.
بوران-چاپقۇنلاردىن،
قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!».
ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛
تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛
چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم.
ئۇلار كېچە-كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛
شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى.
قەبىھ ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ،
ساختىلىق ۋە ھىيلە-مىكىرلىك كوچىلاردىن كەتمەيدۇ.
ئەگەر دۈشمەن مېنى مەسخىرە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەۋر قىلاتتىم؛
بىراق مېنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى ماختىغان ئادەم ماڭا ئۆچمەنلەردىن ئەمەس ئىدى؛
ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم؛
لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن!
خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق،
ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق؛ 1
مۇشۇنداق ساتقۇنلارنى ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن!
ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي!
چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا.
لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛
پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ.
ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە،
دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛
ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ.
ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛
گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ.
تەڭرى ــ ئەزەلدىن تەختتە ئولتۇرۇپ كەلگۈچى!
ئۇ نالەمنى ئاڭلاپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
(سېلاھ)
چۈنكى ئۇلاردا ھېچ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى؛
ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقمايدۇ.
ھېلىقى بۇرادىرىم ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا مۇشت كۆتۈردى؛
ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق،
بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛
ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق،
ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر.
يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي،
ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛
ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ. 2
بىراق، سەن خۇدا ئاشۇ رەزىللەرنى ھالاكەت ھاڭىغا چۈشۈرىسەن؛
قانخورلار ۋە ھىيلىگەرلەر ئۆمرىنىڭ يېرىمىنىمۇ كۆرمەيدۇ؛
بىراق مەن بولسام، ساڭا تايىنىمەن.
Source notes (2)
- Footnote ◼ «خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق» ــ داۋۇت ئۆزىگە ئۇشتۇمتۇت خائىنلىق قىلغان كىشى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ.
- Footnote ◼ «يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي» ــ «يۈكۈڭ» ئىبرانىي تىلىدا «ئامانەت قىلىنغىنىڭ» ياكى «ساڭا تاپشۇرۇلغان».
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.