Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 24

24-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسى

داۋۇت يازغان كۈي: ــ

پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛

ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ؛ 1

چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،

يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟

ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ 2

ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ،

قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان،

يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. 3

بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى،

ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛ 4

بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر،

يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!

سېلاھ! 5

ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!

كەڭ ئېچىلىڭلار!

ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!

شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! 6

شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟

ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر!

پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر! 7

ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!

كەڭ ئېچىلىڭلار!

ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!

شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!

شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟

ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر!

سېلاھ! 8

Source notes (8)
  1. Cross-reference ◘ مىس. 19‏:5؛ قان. 10‏:14؛ ئايۇپ 41‏:3؛ زەب. 50‏:12؛ 1مات. 3-1:21؛ كور. 10‏:26،28
  2. Cross-reference ◘ زەب. 15‏:1؛ يەش. 33‏:14،15
  3. Footnote ◼ «قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان» ــ «قۇرۇق نەرسىلەر» بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
  4. Footnote ◼ «... تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرىدۇ» ــ بۇ ئىككى پېئىل ئىبرانىي تىلىدا بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
  5. Footnote ◼ «...يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!» ــ سۆزمۇسۆز ئىبرانىي تىلىدا: «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپ!». بۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا «ياقۇپ» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر بولغان ياقۇپتىن ئىبارەتتۇر».
  6. Footnote ◼ «ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!» ــ قەدىمكى زامانلاردا قوۋۇقلار ئېچىلغاندا يۇقىرىدىن كۆتۈرۈلەتتى.
  7. Cross-reference ◘ مات. 10:21
  8. Cross-reference ◘ مات. 10:21

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.