مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 23
23-كۈي •••• پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر! •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر،
موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛ 1 2
ئۇ مېنى يۇمران چۆپلەردە ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرار؛
تىنچ ئاقىدىغان سۇلارنى بويلىتىپ باقىدۇ؛
ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛
ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛ 3
ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ،
ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛
چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛
سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر. 4
مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛
مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛
قەدەھىم تاشىدۇ؛
بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛
مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن! 5
Source notes (5)
- Footnote ◼ «بۇ ئۇلۇغ كۈي توغرۇلۇق ئىزاھات» ــ پەلەستىندىكى قويلار بىلەن پادىچىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن. ئۇ ئۇلار بىلەن كېچە-كۈندۈز بىللە بولىدۇ، ئۇلارغا ئىسىم قويىدۇ. يېڭى يايلاققا كۆچكەندە، پادىچى قويلارنىڭ بېشىدا مېڭىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ بېشى تىكەنلىكتە يارىلىنىپ قالسا، پادىچى ماي بىلەن سۈرۈپ «مەسىھ قىلىدۇ»؛ بەزى پادىچىلار ھەتتا ئامراق قويلىرىغا ئالاھىدە قەدەھتىن شاراب ئىچۇرىدۇ.
- Cross-reference ◘ يەش. 40:11؛ يەر. 23:4؛ ئەز. 34:23؛ يـۇھ. 10:11؛ 1پېت. 2:25؛ ۋەھ. 7:17
- Footnote ◼ «ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ» ــ «يېڭىلايدۇ» ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز «توۋىغا قايتۇرىدۇ» ياكى «توۋا قىلدۇرىدۇ» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- Cross-reference ◘ زەب. 3:6؛ 118:6
- Footnote ◼ «بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ» ــ ياكى «بارلىق كۈنلىرىمدە ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولغان ئۆزگەرمەس شەپقەت نېمىدىگەن ياخشى!». «مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!» ــ ياكى «قايتىپ مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!». «پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھى» ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە». داۋۇت بۇ كۈينى يازغاندا يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانا تېخى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.