Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 146

146-كۈي •••• خۇدا مەدھىيىلەنسۇن!

ھەمدۇسانا!

ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە!

مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛

ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن.

ئېسىلزادىلەرگىمۇ،

ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار،

ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر. 1

مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ،

ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛

شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ. 2

ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم،

پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر!

ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى،

دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛

ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛

ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛

ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ.

پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛

پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛

پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛

پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ. 3

پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛

يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛

بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ.

پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛

ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ!

ھەمدۇسانا! 4

Source notes (4)
  1. Cross-reference ◘ زەب. 118‏:8، 9
  2. Footnote ◼ «ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئادەم» ھەم «تۇپراق، توپا» بىر سۆزدۇر.
  3. Cross-reference ◘ زەب. 145‏:14؛ 147‏:3؛ مات. 9‏:30؛ لۇقا 13‏:13؛ يـۇھ. 9‏:7،32
  4. Cross-reference ◘ مىس. 15‏:18؛ زەب. 145‏:13

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.