مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 145
145-كۈي •••• خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادقا بايان قىلىش •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي
مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ
|א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن.
|ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن،
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيە ئوقۇيمەن!
|ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر!
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛ 1
|ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛
ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛ 2
|ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى،
ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛
|ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛
مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن!
|ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ،
ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ. 3
|ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛
ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ 4
|ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛
ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛
|י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار،
سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ.
|כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ،
كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛
|ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ،
پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ.
|מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر،
سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. 5
|ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ،
ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ.
|ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛
ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛ 6
|פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا،
بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن.
|צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر،
ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر.
|ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر،
ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛
|ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛
ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
|ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛
رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ.
|ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛
بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي!
Source notes (6)
- Cross-reference ◘ ئايۇپ 5:9؛ زەب. 48:1؛ 96:4؛ 150:2
- Cross-reference ◘ قان. 4:9؛ 6:7
- Cross-reference ◘ زەب. 119:171-172
- Cross-reference ◘ مىس. 34:6، 7؛ چۆل. 14:18؛ زەب. 86:15؛ 103:8
- Footnote ◼ «ئىزاھات» ــ يېقىندا بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردىن 13- ۋە 14-ئايەتنىڭ ئارىلىقىدا: ــ « נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).
- Cross-reference ◘ زەب. 104:27
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.