مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 127
127-كۈي •••• خۇدا بەرگەن نېسىۋەنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا،
سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛
پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا،
كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ.
سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار،
كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار،
جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛
چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ. 1
مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر،
بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛
ياشلىقتا تاپقان بالىلار،
باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ.
ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛
شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا،
ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ. 2
Source notes (2)
- Footnote ◼ «جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جاپا-مۇشەققەت بىلەن تاپقان ناننى يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر». «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇخلىغان ۋاقتىدا بېرىدۇ».
- Footnote ◼ «شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا» ــ «شەھەر دەرۋازىسى» خالايىق يىغىن ئاچىدىغان، جەم بولىدىغان جاي ئىدى.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.