مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 126
126-كۈي •••• سۈرگۈن بولۇشتىن ئازاد بولۇش
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە،
بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛ 1
ئاغزىمىز كۈلكىگە،
تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛
شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ
«پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى. 2
پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى،
بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز.
جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار شار-شار سۇلارغا ئايلاندۇرۇلغاندەك،
بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 3
كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛
يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى،
بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.
Source notes (3)
- Footnote ◼ «پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار زىئوننىڭ ئەھۋالىنى ئەسلىگە قايتۇرغاندا...».
- Cross-reference ◘ ئايۇپ 8:21
- Footnote ◼ «جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار شار-شار سۇلارغا ئايلاندۇرۇلغاندەك...» ــ قاتتىق يامغۇر ياغقاندىن كېيىن، پەلەستىننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى سۈيى يوق ئېرىق-دەريالار يېرىم سائەت ئىچىدىلا كۈچلۈك ھەم خەتەرلىك داۋالغۇغان دەريالارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. «بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» ــ بۇ ئىككىنچى «تۇتقۇنلۇق» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بابىل ئىمپېرىيەسىگە سۈرگۈن بولغان يەھۇدىيلار ئازاد بولۇپ پەلەستىنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە بەك ئېغىر مۇشەققەتلەر ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى («نەھەمىيا» ھەم «ئەزرا» قىسىملىرىنى كۆرۈڭ). «تۇتقۇنلۇق» بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئېغىر ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.