مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 124
124-كۈي •••• قۇتۇلۇش ئۈچۈن رەھمەتلەر
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا،
ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ
بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا،
كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا،
ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا،
ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛
شۇ چاغدا سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛
كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛
داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى!
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي!
ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى.
جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛
باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق! 1
ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر،
ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر! 2
Source notes (2)
- Cross-reference ◘ پەند. 6:5
- Cross-reference ◘ زەب. 121:2
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.