مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 123
123-كۈي •••• زور خارلىق ئاستىدا
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن،
ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ 1 2
مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا،
دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا،
بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ.
تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ.
بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار،
بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛
چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز.
جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى،
ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر.
Source notes (2)
- Footnote ◼ «ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ساڭا كۆزلىرىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن».
- Cross-reference ◘ زەب. 115:3
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.