Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 101

101-كۈي •••• ئادىل پادىشاھ بولۇشقا بەل باغلاش

داۋۇت يازغان كۈي: ــ

مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن،

سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن.

مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛

سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟

ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن.

ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن،

يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛

بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا.

ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ،

ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر.

كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا،

مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛

نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛

كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر،

ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن!

كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ.

ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ،

يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن،

ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن. 1

Source notes (1)
  1. Footnote ◼ «ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن» ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ.

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.