Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 100

100-كۈي •••• پۈتكۈل يەر يۈزى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ياڭرىتىڭلار!

تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ

ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!

خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار،

ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار!

بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛

بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!

بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز،

ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز. 1 2

دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن،

ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛

ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە،

ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!

Source notes (2)
  1. Footnote ◼ «بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزنى ياراتقان، بىز ئۇنىڭكىدۇرمىز».
  2. Cross-reference ◘ زەب. 95‏:6-7؛ ئ‍ەز. 34‏:30، 31

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.