مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 98
98-كۈي •••• پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا كېلىدۇ!
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛
چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛
ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى
ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى.
پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛
ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى.
ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى،
زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى.
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛
تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار!
پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار،
چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن!
كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن،
پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛
دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ،
جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن!
كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛
پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛
چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛
ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن،
خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.