Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 95

95-كۈي •••• ھەقىقىي ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش كېرەك

كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى،

نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى!

تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى،

ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلىشايلى!

چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر،

پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر. 1

يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر،

تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر.

دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛

قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى.

كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى،

پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى!

چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،

بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلقتۇر،

ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز.

بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، 2

ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك،

يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار! 3 4

مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى. 5

مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ

«بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر،

مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم. 6

شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ

«ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرەلمەيدۇ» ــ دېدىم. 7

Source notes (7)
  1. Footnote ◼ «... پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئىلاھلار»: (1) تائىپىلار چوقۇنىدىغان بۇتلارنى (ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن-شەيتانلارنى ــ «زەب.» 4:96-5، «1كور.» 4:8-6 ۋە 19:10-21نى كۆرۈڭ) ياكى (2) خۇدانىڭ سۆزىگە مەسئۇل بولغان ئىسرائىل ھاكىملىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
  2. Cross-reference ◘ زەب. 100‏:3؛ ئىبر. 3‏:7
  3. Footnote ◼ «ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!» ــ «مەرىباھ» ۋە «ماسساھ» دېگەن جايلاردا ئىسرائىللار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان-ئاسىيلىق كۆتۈرگەن. بۇ ۋەقەلەر «مىس.» 17-باب، «چۆل.» 20-بابتا خاتىرىلەنگەن.
  4. Cross-reference ◘ مىس. 17‏:7؛ چۆل. 20‏:1،3،13؛ قان. 6‏:16
  5. Cross-reference ◘ ئىبر. 3‏:9
  6. Cross-reference ◘ ئىبر. 3‏:17
  7. Footnote ◼ «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرەلمەيدۇ» ــ «مېنىڭ ئارامگاھىم» (1) خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن شۇ دەۋردە ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. (2) «ئارامگاھ» پەقەت زېمىننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا»، 4-بابنىمۇ كۆرۈڭ).

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.