مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 93
93-كۈي •••• پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ھۆكۈمراندۇر
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!
ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛
پەرۋەردىگار كىيىنگەن،
ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛
بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان،
ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا.
سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛
سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن!
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار،
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى!
كەلكۈن-تاشقىنلار كۈچلۈك دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى!
كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن،
دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن،
ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر! 1
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىك-ھە!
زامان ئاخىرىغىچە، ئى پەرۋەردىگار،
ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر.
Source notes (1)
- Footnote ◼ «دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلار» ــ «دولقۇنلار» ئىبرانىي تىلىدا «چېقىۋەتكۈچىلەر».
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.