Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 88

88-كۈي •••• تۇم قاراڭغۇلۇق

كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ

ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا،

كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. 1

دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛

نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛

چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان،

ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان،

ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛

كۈچ-مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم.

ئۆلۈكلەردىن ھېچبىر پەرقسىزمەن،

تېنىم لەھەتتىكى مۇردىدەكلا،

ئۇنتۇلغانمەن ئۆلۈكلەردەكلا؛

قولۇڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلانغانمەن ئۇلاردەكلا. 2

سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە،

زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ.

قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى،

بارلىق دولقۇنلىرىڭ بىلەن مېنى قىينىدىڭ.

مەندىن دوست-بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛

ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ؛

مەن قامالغانمەن، ھېچ چىقالمايمەن.

كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛

ھەر كۈنى ساڭا نىدا قىلىمەن، ئى پەرۋەردىگار،

قوللىرىمنى ساڭا كۆتۈرۈپ كەلدىم.

ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسىتەرسەنمۇ؟

مەرھۇملار ئورنىدىن تۇرۇپ ساڭا تەشەككۈر ئېيتارمۇ؟

ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ قەبرىدە بايان قىلىنارمۇ؟

ھالاكەت دىيارىدا سادىقلىق-ھەقىقىتىڭ ماختىلارمۇ؟

كارامەتلىرىڭ زۈلمەتتە تونۇلارمۇ؟

ھەققانىيلىقىڭ «ئۇنتۇلۇش زېمىنى»دە بىلىنەرمۇ؟

بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن،

تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ.

ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟

نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟

ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛

ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى.

قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛

ۋەھىمىلىرىڭ مېنى نابۇت قىلدى.

ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى،

تامامەن مېنى چۆمدۈردى.

جان دوست-ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ،

مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر! 3

Source notes (3)
  1. Footnote ◼ «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ...» ــ «ماخالات-لېئانوت»نىڭ مەنىسى نامەلۇم؛ بەزى ئالىملار «ئاجىزلىقتىكى دەردلەر» ياكى «خارلىقتىن چىققان كېسەل» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.
  2. Footnote ◼ «ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان» ياكى «قولۇڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلانغانمەن ئۇلاردەكلا» ــ مەنىسى، بەلكىم: «خۇدانىڭ ئىنسانلارغا دائىم كۆرسىتىدىغان كۆيۈمىدىن ئايرىلىغان» دېگەندەك.
  3. Footnote ◼ «مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يار-بۇرادەرلىرىم قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلۈپ قالدى».

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.