Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 85

85-كۈي •••• ئىسرائىلنىڭ ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلىشى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت تەلەپ قىلىش

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ

سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،

ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار.

خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ،

بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ.

سېلاھ.

سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭدە ساخلاپ،

غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن.

ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا!

بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! 1

سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟

خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن،

بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ 2

بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار،

بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن!

نېمىلەرنى دەر، تەڭرى پەرۋەردىگارىمغا قۇلاق سالاي؛

چۈنكى ئەيلەيدۇ ئۇ ئامان-ئېسەنلىكنى خەلقىگە ھەم مۆمىنلىرىگە؛

دەر ئۇلارغا قايتماڭلار ھاماقەتلىككە!

زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن،

دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛

ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛

ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛ 3 4

ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا،

ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ياغسا،

زېمىنىمىزمۇ مول ھوسۇلىنى بېرەر؛ 5

ھەققانىيەت يول ئاچار ئۇنىڭ ئالدىدا،

ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ! 6

Source notes (6)
  1. Footnote ◼ «ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!» ــ خۇدانىڭ ئىسرائىلغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ (3-ئايەتنى كۆرۈڭ)، مۇشۇ كۈينىڭ مۇئەللىپى خۇدادىن ئىسرائىلنى ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلدۇرغايسەن، ئۇلارنى ئۆز يېنىڭغا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغايسەن، دەپ دۇئا قىلىشنى باشلايدۇ.
  2. Cross-reference ◘ زەب. 71‏:20؛ 80‏:18؛ 138‏:7
  3. Footnote ◼ «ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى» ــ بۇ سىرلىق سۆزلەر شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلغىنىدا، ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
  4. Cross-reference ◘ ئىبر. 7‏:2
  5. Cross-reference ◘ زەب. 67‏:6
  6. Footnote ◼ «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ھەم ئۆزىنى ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ئورنىتىدۇ».

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.