مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 82
82-كۈي •••• خۇدانىڭ ئالىي سوتى
يۇھ. 22-42:10
ئاساف يازغان كۈي: ــ
خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ،
ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 1
ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر،
قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟
سېلاھ.
گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار،
ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ 2
مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار،
ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار! 3
نادان ۋە بىلىمىسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى؛ يۈرمەر ئۇلار زۇلمەت ئارا،
تەۋرەر زېمىننىڭ ئۇللىرى.
مەن ئېيتارمەن: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر،
ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛
شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر،
ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر». 4
ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن!
چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن! 5 6
Source notes (6)
- Footnote ◼ «خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ (رىياسەتچىلىك قىلىدۇ)، ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» ــ بىزنىڭچە، بۇ مەجلىسكە قاتناشقان «ئىلاھلار»نىڭ خۇدانىڭ خەلقىگە سوتچى بولغان ياكى ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بار ئادەملەر ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرۈلىدۇ. مەلۇم جەھەتلەردىن، ئۇلار خۇدادەك ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك. «ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» ــ باشقا شەرھچىلەر بولسا «ئىلاھلار» دېگەننى يەر يۈزىدىكى پادىشاھ-ھوقۇقدارلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇ شەرھچىلەر 6-ئايەتتىكى «سىلەر ئىلاھلار» دېگەننى كىنايىلىك سۆز دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى شۇ دەۋردىكى پادىشاھلاردىن كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى «خۇدا» دەپ قارايتتى، خەلقىدىن ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. لېكىن رەببىمىزنىڭ «يۇھ.» 33:10-36دە ئېيتقان شەرھى بويىچە، بۇ سۆزلەر كىنايىلىك سۆز ئەمەس؛ شۇڭا يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشىمىز توغرا، دەپ قارايمىز.
- Footnote ◼ «...يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئاتىسىزلارنىڭ دەۋاسى».
- Cross-reference ◘ پەند. 24:11
- Footnote ◼ «شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر» ــ 1-ئايەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بىرىنچى جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئادەمگە (دېمەك، ئادەماتىمىزغا) ئوخشاش ئۆلىسىلەر».
- Footnote ◼ «سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس قىلىسەن» ــ بۇ سۆز بەلكىم مەسىھكە ئېيتىلىشى مۇمكىن.
- Cross-reference ◘ زەب. 2:8؛ ئىبر. 1:2
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.