مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 8
8-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىنسان بالىسىغا بولغان ئۇلۇغ پىلانى
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز،
پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! 1
ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن،
دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە،
بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭ. 2
مەن بارماقلىرىڭ ياسىغان ئاسمانلىرىڭغا،
سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا،
سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن،
ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟
سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن،
ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ 3
چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن،
سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. 4
ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛
سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، 5
جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار،
دالادىكى بارلىق جانىۋارلار،
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار،
دېڭىزدىكى بېلىقلار،
دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ.
ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە!
Source notes (5)
- Footnote ◼ ««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...» ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز.
- Cross-reference ◘ مات. 21:16
- Cross-reference ◘ ئايۇپ 7:17؛ زەب. 144:3؛ ئىبر. 2:6
- Footnote ◼ «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن».
- Cross-reference ◘ 1كور. 15:27
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.