Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 79

79-كۈي •••• يۇرتنى باسقان بالايىئاپەتتىن كۆتۈرۈلگەن نالە-زار

ئاساف يازغان كۈي: ــ

ئى خۇدا، يات ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛

ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛

يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. 1

ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ،

مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى.

ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى،

جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى.

قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق،

ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق. 2

قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟

سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟

سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ 3 4

قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە،

نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! 5

چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ،

ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.

ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛

رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي!

چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالدا قالدۇق. 6

ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى،

نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كەفارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛

يات ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟

قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنغاي.

ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛

بىلىكىڭنىڭ قۈچى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن.

ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە،

يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛

شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر،

ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز.

Source notes (6)
  1. Footnote ◼ «ئى خۇدا، تات ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى» ــ بۇ كۈي بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك.
  2. Cross-reference ◘ زەب. 44‏:14؛ 80‏:6
  3. Footnote ◼ «سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ » ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھەسىتىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ».
  4. Cross-reference ◘ زەب. 89‏:46
  5. Cross-reference ◘ يەر. 10‏:25
  6. Cross-reference ◘ يەش. 64‏:8

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.