Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 70

70-كۈي •••• «پەرۋەردىگار، تېز كەلگەيسەن!»

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ

پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن!

پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! 1

مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛

مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. 2

مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي!

بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي!

نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي.

بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛

يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا!

سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛

ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن!

Source notes (2)
  1. Cross-reference ◘ زەب. 40‏:13-17
  2. Cross-reference ◘ زەب. 35‏:4،26؛ 71‏:13

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.