Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 67

67-كۈي •••• دۇنيا ئۈچۈن نىجاتلىق باردۇر!

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ

خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ،

ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي!

سېلاھ! 1 2

شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا،

قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ.

بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛

بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!

جىمى تائىپىلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي،

چۈنكى سەن خەلقلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن،

يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛

سېلاھ.

بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛

بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!

ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛

خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛

خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛

شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ!

Source notes (2)
  1. Footnote ◼ «ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى بىزدىنمۇ چاچقاي!».
  2. Cross-reference ◘ چۆل. 6‏:25؛ زەب. 4‏:6

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.