Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 57

57-كۈي •••• ئېغىر كۈنلەردىكى ئېتىقاد

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ

ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،

ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،

چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى.

مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. 1 2

خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا،

ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛

ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛

ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛

سېلاھ؛

خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ!

جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛

مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن!

ئادەم بالىلىرى ــ

ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر،

ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر!

ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،

شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 3

ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛

جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛

ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى،

لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. 4

ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛

مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ،

بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن! 5

ئويغان، ئى روھىم!

ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان!

مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! 6

مەن قوۋملار ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛

ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! 7

چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛

ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. 8

ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،

شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!

Source notes (8)
  1. Footnote ◼ «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ.
  2. Cross-reference ◘ 1سام. 22‏:1؛ 24‏:4
  3. Cross-reference ◘ زەب. 108‏:5
  4. Cross-reference ◘ زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:16
  5. Cross-reference ◘ زەب. 108‏:1-5
  6. Footnote ◼ «ئويغان، ئى روھىم!» ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ.
  7. Cross-reference ◘ زەب. 18‏:49؛ 22‏:22؛ 108‏:3
  8. Cross-reference ◘ زەب. 36‏:5-6؛ 108‏:4

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.