مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 43
43-كۈي •••• سەرگەرداننىڭ دۇئاسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن،
دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛
مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. 1
چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛
نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟
نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ،
ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. 2
ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن،
ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي!
مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا،
ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! 3
شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي،
يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛
بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم!
ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟
نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟
خۇداغا ئۈمىد باغلا!
چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن،
يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! 4 5
Source notes (5)
- Footnote ◼ «ئىزاھات» ــ كۆپ ئالىملار 42- ھەم 43-كۈي ئەسلىدە بىر كۈي ئىدى، دەپ قارايدۇ.
- Cross-reference ◘ زەب. 35:11-17؛ 38:6؛ 42:10
- Footnote ◼ «ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماكانلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەي!».
- Footnote ◼ «چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىق بىلەن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىم!».
- Cross-reference ◘ زەب. 42:5،11
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.