Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 37

37-كۈي •••• ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ تەقدىرى •••• «ئېلىپبە تەرتىپلىك» كۈي

داۋۇت يازغان كۈي: ــ

|א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە،

ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. 1

چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ،

يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ.

|ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل،

زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان. 2

«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن،

ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ.

|ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛

ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىدۇ. 3

|ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك،

ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ.

|ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛

ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن،

يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە.

|ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت،

ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛

ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛

پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا،

زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

|ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛

ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ.

بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ،

ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. 4

|ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛

ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛

لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛

چۈنكى رەب ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.

|ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن،

يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن،

رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ،

ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى.

لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ،

ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.

|ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»،

كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.

چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛

لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛

|י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛

ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ.

ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛

قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.

|כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛

پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛

ئۇلار تۈگەيدۇ؛

ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. 5

|ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛

ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛

چۈنكى پەرۋەردىگار رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،

بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛

|מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛

رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. 6

ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ.

|נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛

لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى،

ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛

ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.

|ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار،

مەڭگۈ ياشايسىلەر!

چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ،

ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛

ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛

|ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ،

ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.

|פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛

ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛

قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ؛

ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس. 7 8

|צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛

ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.

لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛

ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ.

|ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت،

ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛

ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ،

رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا،

سەن بۇنى كۆرىسەن.

|ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم،

ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان. 9

بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى،

مانا، ئۇ يوق بولدى؛

مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.

|ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال،

دۇرۇس ئىنسانغا قارا!

چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ.

ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛

ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛

|ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛

ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.

پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛

ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛

چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.

Source notes (9)
  1. Cross-reference ◘ پەند. 23‏:17؛ 24‏:1
  2. Footnote ◼ «ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋاپالىق-سادىقلىققا ئىنتىلگىن».
  3. Cross-reference ◘ زەب. 22‏:9-10؛ 55‏:22؛ پەند. 16‏:3؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1پېت. 5‏:7
  4. Cross-reference ◘ مات. 5‏:5
  5. Footnote ◼ سس باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار قوزىلارنىڭ يېغىدەك كۆيۈپ كېتىدۇ».
  6. Footnote ◼ «رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ» ــ ياكى: «ئۇ (مەردانە كىشى) ئۇنىڭ (يەنى، رەبنىڭ) يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ».
  7. Footnote ◼ «قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەلبىدە خۇداسىنىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ».
  8. Cross-reference ◘ زەب. 40‏:8؛ يەش. 51‏:7
  9. Footnote ◼ «مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان» ــ دېمەك، رەزىل ئادەم زومىگەرلىك يولى بىلەن سىرتىدىن قارىغاندا چىرايلىق چوڭ بىر دەرەختەك باراقسان بولىدۇ.

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.