Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 3

3-كۈي •••• سەھەردىكى دۇئا

داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ

ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن،

مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! 1 2

نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ

«خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ.

سېلاھ! 3

بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛

شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! 4

ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن،

ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ.

سېلاھ.

مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛

ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. 5

مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ،

مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! 6

ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر!

مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم!

مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛

رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن!

نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛

بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن!

سېلاھ! 7

Source notes (7)
  1. Footnote ◼ «داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...» ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن.
  2. Cross-reference ◘ 2سام. 15،16،17،18
  3. Footnote ◼ «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» ــ دېمىسەكمۇ، «نىجات» «(خۇدادىن كەلگەن) قۇتقۇزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. «سېلاھ» ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن.
  4. Footnote ◼ «شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!» ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
  5. Cross-reference ◘ زەب. 4‏:8
  6. Cross-reference ◘ زەب. 27‏:3
  7. Cross-reference ◘ پەند. 21‏:31؛ يەش. 43‏:11؛ يەر. 3‏:23؛ ھوش. 13‏:4؛ ۋەھ. 7‏:10؛ 19‏:1

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.