Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 19

19-كۈي •••• ئالەم ھەم تەۋرات خۇدانىڭ شەرىپىدۇر!

داۋۇت يازغان كۈي: ــ

ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ،

ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛

ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛

كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ. 1

تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا. 2

ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى پۈتكۈل يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛

ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇدا قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن، 3 4

قۇياش ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ،

بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛ 5

ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ،

جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ،

ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر،

ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛

پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ،

ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ. 6 7

پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس،

ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛

پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر،

ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ. 8

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛

پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر،

ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر.

ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛

ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛ 9

ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛

ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر.

كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟

مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛

ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛

بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛

شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن،

ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن.

ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم،

ئاغزىمدىكى سۆزلەر، قەلبىمدىكى ئويلىنىشلار نەزىرىڭدە مەقبۇل بولغاي! 10

Source notes (10)
  1. Footnote ◼ «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ» ــ «ئۇلار» ئەرشلەر ۋە ئاسمان گۈمبىزىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ» ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كۈن باشقا بىر كۈنگە گەپلىرىنى تۆكىدۇ، كېچە باشقا بىر كېچىگە سۆز قىلماقتا».
  2. Footnote ◼ «تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئالەمدە ھەرقانداق بىر تىل ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ».
  3. Footnote ◼ «ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى پۈتكۈل يەر يۈزىدە تارتىلماقتا» ــ بۇ «ئۆلچەم تانىسى» بەلكىم ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر-ئويلىرىنى ئۆلچىگۈچى بولۇشى مۇمكىن.
  4. Cross-reference ◘ رىم. 10‏:18
  5. Cross-reference ◘ توپ. 1‏:5
  6. Footnote ◼ «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر» ــ «تەۋرات-قانۇن» توغرۇلۇق: «تەۋرات» (توراھ) ئىبرانىي تىلى بولۇپ، مۇشۇ يەردە «قانۇن، تەلىم، يوليورۇق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. «تەۋرات قانۇنى» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن تەۋراتتىكى «يارىتىلىش»، «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار» «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» ھەم «قانۇن شەرھى» دېگەن ئالدىنقى بەش قىسىمنىڭ قانۇن-پەرمانلىق مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ.
  7. Cross-reference ◘ 2سام. 22‏:31؛ زەب. 18‏:30
  8. Footnote ◼ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر» ــ ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى روشەندۇر» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى پاكتۇر».
  9. Cross-reference ◘ زەب. 119‏:72،103،127؛ پەند. 8‏:11
  10. Footnote ◼ «ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم» ــ «ھەمجەمەت-نىجاتكار» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق: ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى كەمبەغەل بولۇپ، ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر تاپشۇرۇۋالغان قانۇنغا ئاساسەن، مۇشۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرى بۇ كىشىنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلماقچى بولسا، ئۇنى قۇتقۇزالايتتى. ھوقۇقنى ئىشلىتىش «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. بىرسى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقىنىغا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولۇپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توسالمايتتى. شۇڭا پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن پات-پات دەل مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆز بەندىسىگە ياكى خەلقىگە «ھەمجەمەت»لىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ «گوئېل»ى، يەنى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»سى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن، ئەلۋەتتە!

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.