مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 15
15-كۈي •••• كىم خۇدا ئالدىدا تۇرالايدۇ؟
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟
كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟
كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا،
ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە،
كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛ 1
تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا،
ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا،
قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا،
پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا،
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە،
ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە،
پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە،
بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛
كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا،
مەڭگۈگە تەۋرەنمەس.
Source notes (1)
- Cross-reference ◘ زەب. 24:4؛ يەش. 33:15
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.