مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 142
142-كۈي •••• يار-يۆلەكسىزلىكتىكى دۇئا
داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ
مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛ 1
ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛
ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.
روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا،
شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛
مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى. 2
ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛
ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛
پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛
ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ.
مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛
ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن،
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم. 3
مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛
مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر. 4
سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن،
جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛
ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛
چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن.
Source notes (4)
- Footnote ◼ «داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ....» ــ داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلەر «تەۋرات، «1سام.» 22- ھەم 24-بابتا يېزلىغان.
- Cross-reference ◘ زەب. 77:3
- Cross-reference ◘ زەب. 16:5
- Cross-reference ◘ زەب. 41:2؛ 79:8؛ 116:6
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.