Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 137

137-كۈي •••• بابىلدا سۈرگۈن بولۇشنىڭ دەرد-ئەلىمى

بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛

زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛

چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق.

چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛

بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ

«ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى. 1

ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟

ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام،

ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن! 2

سېنى ئەسلىمىسەم،

ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ

تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن!

ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛

چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار،

ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى. 3

ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى،

بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر! 4

بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!

Source notes (4)
  1. Cross-reference ◘ زەب. 79‏:1
  2. Footnote ◼ «ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن!» ــ ياكى «ئوڭ قولۇمنى ئۇنتۇغان بولسام!».
  3. Cross-reference ◘ يەر. 49‏:7؛ ئ‍ەز. 25‏:12
  4. Cross-reference ◘ يەر. 50‏:15،29؛ ۋەھ. 18‏:6

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.