مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 133
133-كۈي •••• بىرلىكنىڭ بەختى
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ
قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر!
ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك،
ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ،
كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛ 1
ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛
چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ
يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان! 2
Source notes (2)
- Footnote ◼ «ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ» ــ ھەزرىتى ھارۇننى باش كاھىن قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن، ئۇ ئالاھىدە پۇراقلىق مەخسۇس ماي بىلەن «مەسىھ قىلىنغان». تەۋرات، «مىس.»، 22:30-38-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.
- Footnote ◼ «ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ....» ــ «ھەرمون تېغى» پەلەستىندىكى ئەڭ ئېگىز تاغ بولۇپ، ئەتراپىدا ھەركۈنى چۈشكەن شەبنەم ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەممە جانىۋارنى جانلاندۇرىدۇ. ئۇ زىئون تاغلىرىدىن 300 كىلومېتر يىراق. زىئون تېغىغا چۈشىدىغان شەبنەم ئازدۇر؛ مول شەبنەم زىئونغا چۈشسە، ئۇ زور ۋە ئاجايىب بەرىكەت بولاتتى، ئەلۋەتتە.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.