مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 130
130-كۈي •••• ئازابلىق پەرياد
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛
قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛
ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ،
ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ 1
بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛
شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ. 2
پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛
جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛
ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. 3
تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
جېنىم رەبگە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە. 4
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛
ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛
ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.
Source notes (4)
- Cross-reference ◘ زەب. 143:2
- Cross-reference ◘ 2سام. 24:14
- Cross-reference ◘ زەب. 27:14؛ 40:1؛ 62:1؛ ھاب. 2:3
- Cross-reference ◘ زەب. 5:3؛ 119:147؛ 123:1، 2
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.