مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 120
120-كۈي •••• ئۇرۇشقاق خەلق ئارىسىدا
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛
ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى. 1
ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن،
ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. 2
ساڭا نېمە بېرىلىدۇ،
ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك،
ئەي ئالدامچى تىل؟
ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار،
ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن! 3
مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا،
كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي! 4
مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛
مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛
بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ.
Source notes (4)
- Footnote ◼ «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ــ بۇنداق ماۋزۇلۇق كۈيدىن جەمئىي 15ى بار. بۇنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئالىملارنىڭ ئۈچ خىل پىكرى بار: (1) يېرۇسالېمدىكى ئىككىنچى ئىبادەتخانا ئىچىدە ھويلىغا چىقىدىغان 15 پەلەمپەي بار ئىدى؛ ھېيت ۋاقىتلىرىدا ھەربىر پەلەمپەيدە توختاپ بىر كۈي ئېيتىلغان. (2) يېرۇسالېمغا تاۋاب قىلىش ھېيتىغا بارماقچى (ئىبرانىي تىلىدا بۇ «چىقماقچى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) بولغان يولۇچىلار بۇ ناخشىلارنى ئېيتقان؛ (3) بۇ 15 كۈي ئىسرائىللار بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنلىكى (ئىبرانىي تىلىدا «چىققانلىقى»)نى تەبرىكلەيدىغان ناخشىلار ئىدى. بىزنىڭچە ئۈچ پىكىرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن.
- Cross-reference ◘ 1سام. 24:10؛ 26:19
- Cross-reference ◘ زەب. 11:2؛ 59:7
- Footnote ◼ «مەشەك دىيارىدا .... كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا...» ــ «مەشەك» ــ ئىسرائىل زېمىنىدىن ئەڭ چەت جاي دەپ ھېسابلانغان (بەلكىم ھازىرقى موسكۋا ياكى تۈركىيە)؛ كېداردىكىلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەرەب قوشنىلىرى ھەم رەقىبلىرى ئىدى. بۇ يەردە ئۇلار بەلكىم خۇدانى ئېتىراپ قىلمايدىغان ھەرخىل ئەللەرنى بىلدۈرىدۇ.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.