مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 116
116-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا گۇۋاھلىق بېرىش
مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن،
چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، يېلىنىشلىرىمنى ئاڭلىغان.
چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى،
شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن.
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛
تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛
مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛ 1
شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا توختىماي نىدا قىلدىم: ــ
«سەندىن ئۆتۈنىمەن، ئى پەرۋەردىگار،
جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايسەن!
شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ھەققانىيدۇر؛
خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر.
پەرۋەردىگار ناداننى ساقلايدۇ؛
مەن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم، ئۇ مېنى قۇتقۇزدى.
ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛
چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛ 2
چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن،
ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن.
مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛
ئىشەنگىنىم ئۈچۈن مۇنداق سۆز قىلغانمەن: ــ
«مەن قاتتىق خار قىلىنغانمەن». 3 4
جىددىيلەشكىنىمدىن: ــ «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يالغانچى!» ــ دېگەنمەن. 5
ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقلىرىنى مەن نېمە بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتۇرىمەن؟
ــ نىجاتلىق قەدەھىنى قولۇمغا ئالىمەن،
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛
مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛
بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن.
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە،
ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر!
ئاھ پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛
مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى ئىكەنمەن؛
سەن مېنىڭ ئاسارەتلىرىمنى يەشكەنسەن؛
مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ 6
مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛
بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن؛
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا،
سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا تۇرۇپ، ئى يېرۇسالېم،
قەسەملىرىمنى ئادا قىلىمەن!
ھەمدۇسانا!
Source notes (6)
- Cross-reference ◘ 2سام. 22:5، 6
- Cross-reference ◘ زەب. 13:6
- Footnote ◼ «ئىشەنگىنىم ئۈچۈن سۆز قىلغانمەن» ــ (ياكى «ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم...») ــ بۇنىڭ مەنىسى، بەلكىم، مېنىڭ خۇداغا دەردىمنى تۆكۈشۈم ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ، دېمەكچى («2كور.» 13:4نىمۇ كۆرۈڭ).
- Cross-reference ◘ 2كور. 4:13
- Cross-reference ◘ رىم. 3:4
- Footnote ◼ «مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن» ــ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېكىتىلگەن يەنە بىرخىل قۇربانلىق («لاۋ.» 7-بابنى كۆرۈڭ).
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.